سىز بوشلۇق بەلگە گۇرۇپپىسى ۋە ھەرپ تىزمىسىنىڭ ياردىمىدە توغرىلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيسىز. گەرچە ئۇلار ئورۇن ئىگىلىمىسىمۇ ئەمما توغرىلاش ئۇچۇر ئىجراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بوش گۇرۇپپا قۇرغاندا بۇيرۇق كۆزنىكىدە چوڭ تىرناق {} كىرگۈزۈڭ. تۆۋەندىكى مىسالدا قۇر ئالماشتۇرۇپ قوشۇش بەلگىسى بويىغا توغرىلىنىش كۆرسىتىلدى (ئۈستىنكى قۇردا بىر ھەرپ كەم كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ):
a+a+a+{} newline {}{}{}{}{}a+a+a+a
بوش ھەرپ تىزمىسى تېكست ۋە فورمۇلانى سولغا توغرىلايدىغان ئاددى ئۇسۇل، قوش تەتۈر پەش "" ئىشلىتىپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ. بېسىشتا ئىشلىتىلىدىغان ھېچقانداق تەتۈر پەش ئىشلەتمىگەنلىكىڭىزنى جەزملەڭ. مىسال:
"A further example." newline a+b newline ""c-d